«پىرامىدالار دىيارى» مىسىردا يەنە بىر پىرامىدانىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى

«پىرامىدالار دىيارى»مىسىردا 3700 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر پىرامىدانىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى.

705351
«پىرامىدالار دىيارى» مىسىردا يەنە بىر پىرامىدانىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى
mısır 3700 yıllık piramit hiyeroglifi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا 3700 يىللىق بىر پىرامىدانىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى.

مىسىر قەدىمىي يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارخىئولوگلار پايتەخت قاھىرىنىڭ 30 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى داھشۇر نېكرو رايونىدا 13-پىرئەۋۇن سىنېفرۇ تەرىپىدىن سېلىنغان «ئېگىك پىرامىدا»غا يېقىن جايدىمۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولماي كېلىۋاتقان باشقا پىرامىدالارنىڭمۇ قالدۇقلىرى تېپىلغان.  

پىرامىدانىڭ تېپىلغان قىسىملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمىگەنلىكى، شۇنداقلا قالغان قىسىملىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئارخىئولوگىيەلىك خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىردا 123 قەدىمىي پىرامىدا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «گىزا پىرامىدىلىرى»4500 يىل بۇرۇن سېلىنغانىدى.

گىزا پىرامىدالىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان كىئوپىس پىرامىداسى بولسا 146 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، دۇنيانىڭ قەدىمىي 7 چوڭ مۆجىزىسى ئارىسىدا ھازىرغىچە قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن يېگانە ئەسەردۇر.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر