بۇ يىلقى ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى لوس ئانجېلىستا ئۆتكۈزۈلدى

بۇ يىلقى ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

680444
بۇ يىلقى ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى لوس ئانجېلىستا ئۆتكۈزۈلدى
Mahershala Ali
emma stone.jpg
Casey Affleck.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاي شولىسى (Moonlight) ناملىق فىلىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوسكار فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوسكار فىلىم مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندا ئازراق قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى،ئوسكار مۇكاپاتىغا دەسلەپ ئاشىقلار شەھىرى (La La Land)ناملىق فىلىمنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى، بىراق رىياسەتچى خاتا ئوقۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇكاپاتقا ئاي شولىسى (Moonlight) ناملىق فىلىمنىڭ ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان  قىلدى.

تۇرمۇشنىڭ گىرۋىكىدە (Manchester By The Sea)ناملىق فىلىمدە رول ئالغان كېيسىي ئېفلېك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ، ئوسكار مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئاشىقلار شەھىرى (La La Land)ناملىق فىلىمدە رول ئالغان ئېممې سىتون ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەزكۇر فىلىمنىڭ رىژوسسورى دېميىن چازېل ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور بولۇپ باھالىنىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئاي شولىسى (Moonlight) ناملىق فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالغان ماھەرشالا ئەلى ئەڭ مۇنەۋۋەر قوشۇمچە ئەر ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ، تۇنجى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇسۇلمان بولۇپ قالدى.

«فېنسېس» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان ۋويلا دېيۋىس ئەڭ مۇنەۋۋەر قوشۇمچە ئايال ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

تۇرمۇشنىڭ گىرۋىكىدە (Manchester By The Sea)ناملىق فىلىمنىڭ سىنارىيەسى ئەڭ مۇنەۋۋەر سىنارىيە بولۇپ باھالىنىپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ سىنارىستى كېننېس لونېرگانغا مۇكاپات بېرىلدى.

ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئاشىقلار شەھىرى (La La Land) ناملىق فىلىمنىڭ مۇزىكىسى ئوسكار مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا سۈرىيە ئاممىۋى مۇداپىئە پىدائىيلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان «ئاق قالپاق» (The White Helmets)ناملىق فىلىم ئېرىشتى، مەزكۇر فىلىمنىڭ كامېراچىلىرىدىن قالىد قاتىبنىڭ لوس ئانجېلىستىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانىدى.

چەت تىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئىراندا ئىشلەنگەن «ساتقۇچى»ناملىق فىلىم ئېرىشتى.

مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان فىلىمنىڭ رىژىسسورى ئەسقەر فەرھادىنىڭ مۇراسىم ئۈچۈن يازغان خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.  خېتىدە «بۇ يەرگە كېلەسلمەسلىكىمگە ئىران خەلقىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم سەۋەب بولدى»دېگەن فەرھادى قوشۇمچە قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ ئىنسانىي ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەڭ مۇنەۋۋەر ھەرىكەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا پىپېرنىڭ Zootopia ناملىق فىلىمى لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر