چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى باشلىقى مەھمەت ئەلى بولات، تۈركىيەدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى باشلىقى مەھمەت ئەلى بولات، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان ئەللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئافرىقىنىڭ 54 دۆلىتى، جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا، قىسقىسى دۇنيانىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق جايلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بولات، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە تۈركىيەنىڭ تونۇتۇلۇشى نۇقتىسىدىن كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بولات، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، 30 مىڭغا يېقىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ فېدېراتسىيەگە ئەزا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم سان ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناشقا باشلىغانلىقىغا ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بولات، «تۈركىيەنىڭ جامائەت دىپلوماتىيەسى خىزمەتلىرىنى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار پىداكارلىق بىلەن ئورۇندىماقتا. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ 160 دۆلىتىدە تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن 65 مىڭ ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيەتلىرى بار. ئۇلار ھەم تەشكىللىك ھالدا تۈركىيەنى تونۇتماقتا ھەمدە جامائەت دىپلوماتىيەسى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ۋەكىللىكىنى قىلماقتا» دېدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە 203 دۆلەتتىن كەلگەن 115 مىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر