فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

فىرانسىيەنىڭ دىجون شەھىرى ئەتراپىدىكى گېنلىس يېزىسىدا يېقىندا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان بىر جامەنىڭ ئالدىدىكى تۆمۈر رىشاتكىغا چوشقا كاللىسى ئېسىلدى.

651281
فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ France Bleu› رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىجون تەپتىش مەھكىمىسى بۇنى «رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم» دەپ قاراپ،  ھەمدە بۇنى سادىر قىلغۇچىنى «ئىنسانلارنى ئىرىقچىلىق، ئايرىمچىلىق  قىلىش ۋە مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىشكە كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ قىلمىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

گېنلىس يېزىسىنىڭ مەسئۇلى ۋىنكېنت دانكورتس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ھەمدە يېزىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيەدىكى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش جەمئىيىتىمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات  ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر