كىنوچىلىق ساھەسىدە مىللىي مۇۋەپپەقىيەت
كىنوچىلىق ساھەسىدە يەرلىك فىلىملەر Hollywood تا ئىشلەنگەن فىلىملەر بىلەن بولغان رىقابەتتە غەلىبە قىلدى . بۇ يىل 55 مىليون كىنو كۆرگۈچىلەردىن 29 مىليونى تۈرك فىلىملىرىنى كۆرۈشنى تاللىدى.
634444
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇۋەپپەقىيەتلىك يەرلىك فىلىملەرنىڭ ئارقىمۇئارقا قويۇلۇشى، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىن مۇكاپات بىلەن قايتقان فىلىملەرنىڭ كۆپىيىشى، تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىنى تۈرك فىلىملىرىگە ئاغدۇردى. بۇلتۇر 136، بۇ يىل 169 تۈرك فىلىمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئالپەر چاغلار رېژىسسورلۇق قىلغان «تاغ 2» ناملىق فىلىم، «ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىم» بولدى.