تۈركىيەدە ساقچىلارنى قوللاش پائالىيىتى باشلاندى
ئىستانبۇلدا شەنبە (10-دېكابىر) كۈنى ئاخشام يۈز بەرگەن 30 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 38 ئادەم شېھىت بولغان ۋە 155 ئادەم يارىلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى لەنەتلەر ياغماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ساقچىلارنى قوللايمەن» دېگەن شوئار ئاستىدا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى قوللاش ئۇچۇرلىرى تارقالدى. سىياسەتچىلەردىن سەنئەتچىلەرگىچە، تەنتەربىيەچىدىن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر «ساقچىلارنى قوللايمەن» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش قاتارلىق كۆپلىگەن مىنىستىرلارمۇ «ساقچىلارنى قوللايمەن» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى. جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، تۈركىيە دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە تۈركىيە ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ھىدايەت تۈركئوغلۇ: «تەنتەربىيە ھەردائىم بىزنى بىرلىكتە بولۇشنى ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشنى ئۆگەتتى... بۇ قيىنچىلىقتىكى كۈنلەردە مەيدىمىزنى كېرىيمىز! #ساقچىلارنى قوللايمىز# مۈرىمىزنى مۈرىمىزگە تىرەيمىز» دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.
ساقچىلارنى قوللاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. كىشىلەر كوچىلاردا، مەھەللىلەردە، خىزمەت ئورۇنلىرىدا ۋە يوللاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلاردىن ھال-ئەھۋال سوراپ، ئۇلارغا سەۋر تىلىدى. خەلق ئاممىسى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنىڭ مەۋلۇت قاندىلىنى تەبرىكلىدى.