كۈللىيەدە ت ر ت ۋورلدنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئىنگلىزچە پىروگرامما تارقىتىدىغان تۇنجى خەلقئارالىق خەۋەر قانىلى ت ر ت ۋورلدنى تونۇتۇش مۇراسىمى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، ئەدەبىيات-سەنئەت، سىياسەت، تەنتەربىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىدىن نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا، ئالدى بىلەن ت ر ت تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن ت ر ت مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت ۋورلد ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ قانالنىڭ پىروگرامما تارقىتىش پىرىنسىپى ئۈستىدە توختىلىپ، ئادەمنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى، خەۋەرچىلىكتە جەسۇر بولۇش نۇقتىئىنەزىرى ۋە مەسىلىلەرگە چوڭقۇر قاراش پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇل پەيدا قىلغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، ت ر ت ۋورلد دۇنياغا تارقاتقان خەۋەر-پىروگراممىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.
مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلدى. ئۇ: «ت ر ت غا ۋە ت ر ت ۋورلد ئائىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە غەلىبىلىك ئاخبارات ھاياتى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ سۆزىنى باشلىدى. ئۇ ت ر ت ۋورلدنىڭ ئۆز ساھەسىدە مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن مۇشۇنداق تەجرىبىسى مول ۋە كۈچلۈك بولغان ت ر ت ۋورلدنىڭ، شوئارىدا ئىپادىلەنگىنىدەك، تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ھەقىقىي پەنجىرىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ت ر ت ۋورلدنىڭ يېڭى تىل بىلەن ۋەقەلەرنى قايتىدىن چۈشەندۈرۈش، مىكروفوننى گەپ قىلغۇزۇلمىغانلارغا ئۇزۇتۇش، كامېرانى كۆرۈنمىگەنلەرگە توغرىلاش نىشانىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن. خەلقئارالىق تاراتقۇلار كۆپ جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان، رىياسەتچىلەر ۋە قاناللار ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىلى بىر خىل بولۇۋاتقان مەزگىلدە، بۇنداق نىشان بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىش تەقدىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر» دېدى.
ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى غەلىبە قىلغان بولسا، بەزى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائېشقا قارشى ئەڭ چوڭ كۈرەشلەرنى قىلغان، يۈزلەرچە پۇقراسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانلىق ھۇجۇمىدا يوقىتىپ قويغان تۈركىيەنىڭ، يەنە بۇ تاراتقۇلارنىڭ قارىلاش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ت ر ت ۋورلدنىڭ زىممىسىگە مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ قانالىمىزدىن دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى، خەۋەرلىرىنى تارقىتىپ، دۇنياغا چۈشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ قانىلىمىزنى زالىملارنىڭ تەشۋىقات مۇنبىرى ئەمەس، بەلكى مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى خالايمىز» دېدى.
مۇراسىمدا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ سۆز قىلدى. ئۇ ت ر ت نىڭ 13 تېلېۋېزور قانىلى، 16 رادىيو قانىلى، بەش ژۇرنال، 41 تىلدىكى رادىيو ۋە ئىنتېرنېت تور ئاخباراتچىلىقى ھەمدە 13 دۆلەتتىكى ۋاكالەتخانىسى بىلەن، تۈركىيەدە ئاخباراتچىلىقنىڭ پارلاق يۇلتۇزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ت ر ت باش مۇدىرى شەنول گۆكا سۆزىدە، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇندىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئاخبارات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ت ر ت ۋورلدقا ئوخشاش، تېخىمۇ كۆپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىنمۇ دۇنياغا مەركەزلىشىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى. شەنول گۆكا تۈركىيەنى ۋە تۈركلەرنى پەقەت ئىنگلىزچىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر قانچە تىلدا پۈتكۈل دۇنياغا چۈشەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.