ئاۋسترالىيەدە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىگە قارشى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى بىر جامەدە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىگە قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

600074
ئاۋسترالىيەدە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسىگە قارشى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدە ئىسلام ئەندىشىسىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سىدنىي شەھىرىدىكى بىر جامەدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئاۋستىرالىيەلىك زىيارەتچىلەرگە ئىسلام دىنى چۈشەندۈرۈلدى.

ئاۋسترالىيەلىكلەر تۈرك جامائىتى بۇ دۆلەتتە تۇنجى بولۇپ سالغان جامەلەردىن رەدفەرىن جامەسىنى كېزىپ  جامە توغرۇلۇق مەلۇمات ئالدى.

جامەدىكى بۇ پائالىيەتتىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن زىيارەتچىلەر، بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسلام بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىسلامنىڭ ئۆزگە بۈيۈك دىنلار بىلەن بولغان پەرقلىرىگە قىزىقىدىغان زىيارەتچىلەر، زىيارەت ئەسناسىدا ئىسلام بىلەن ئۆزگە بۈيۈك دىنلار ئارىسىدا پەرقتىن بەكرەك ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەشتى.

جامەنىڭ ئىمامى ئابدۇراھمان شاھىن پائالىيەت توغرۇلۇق ت ر ت نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

شاھىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا توغرا ئەمەل قىلىپ ئىسلامنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ياخشى چۈشەندۈرۈشلىرى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋسترالىيەدە كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە  قارشى كۈرەشلەر دائىرىسىدە، بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر باشقا مۇسۇلمان جامائەتلەرگە تەۋە جامەلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر