بۇ يىلقى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى»مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىندى

بۇ يىلقى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى»مۇكاپاتىغا ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىن ئېرىشتى.

593952
بۇ يىلقى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى»مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ھەر يىلى تارقىتىپ كېلىنىۋاتقان «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى »مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك مائارىپچى لايىق كۆرۈلدى.

بۇيىلقى مۇكاپات ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئىسلام دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبلىك ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى دوكتور مۇستافا ئايدىنغا بېرىلدى. ئايدىن ئەپەندىگە كەلگەن تەكلىپنامىدە مۇنۇ جۈملىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ئىسلام دۇنياسىغا قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىڭىزنى نەزەردە تۇتۇپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە بۇ مۇكاپاتنى سىزگە لايىق كۆردۇق. بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدا سىزنىڭ غەيرەت-شىجائىتىڭىز ئىللىق كەيپىيات يارىتىپ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.»

ياۋرو ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇيۇشمىسى بىلەن تاشقى ئىقتىساد ئالاقە كېڭىشى مائارىپ ئىقتىسادىي سودا كېڭىشى باشلىقى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئايدىنغا بۇ مۇكاپاتنىڭ لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىزاھلاندى: «ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە ھۇزۇر، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ پەقەت مائارىپ يولى بىلەنلا بەرپا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىشى، شۇنداقلا مائارىپ دىپلوماتىيەسى ئۇقۇمىنى ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويولۇشىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە تۆۋەن ئىقتىسادىي سەۋىيەگە ئىگە جەمئىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇساپىرلارنىڭ تەلىم-تەربىيەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر