شىۋېتسىيەدە مەسچىتكە ئوت قويۇپ بېرىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ مالمو شەھىرىدە بىر مەسچىتكە ئوت قويۇپ بېرىلدى.

588219
شىۋېتسىيەدە مەسچىتكە ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالمو شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى دانىئېل جوناسسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گراڭسبېرگسگاتان مەھەللىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر مەسچىتكە تاڭ سەھەردە ئوت قويۇپ بېرىلگەن، ئارقىدىنلا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۆتنى ئۆچۈرگەن.

ئوت ئاپىتىدە ھەم ئىبادەتخانا ھەم مەدەنىيەت مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان مەسچىت ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان، ھەمدە ساقچىلار رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر