جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مۇھەررەم ئېيى ئىپتارلىق زىياپىتى بېرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەلەۋى جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇھەررەم ئېيى ئىپتارىدا ئۇچراشتى.

587674
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مۇھەررەم ئېيى ئىپتارلىق زىياپىتى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بېرىلگەن ئىپتار داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مۇھەررەم ئېيىنىڭ خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىسلام ئالەمى ئۈچۈن خەيرلەرگە ۋاسىتە بولۇشىنى تىلەيمەن. ئەھلى بەيتنىڭ پۈتۈن مەنسۇپلىرىنى، بولۇپمۇ شېھىت ھەزرىتى ھۇسەيىننى ھۆرمەت – ئېھتىرام ئىچىدە ئەسلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەررەم ئېيى ئىپتارىغا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر