15-ئىيۇل قەھرىمانلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت 15-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

581477
15-ئىيۇل قەھرىمانلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە بىر پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «15-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ياڭرىتىمىز» ناملىق پائالىيەتتە، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىىدا: «ھېچقانداق زەپەر بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ، 15-ئىيۇلنىڭ ئۆزى خەلقىمىز يازغان ئەڭ چوڭ زەپەر ناخشىسىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ناخشىچى ياۋۇز بىنگۆل بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ ئورۇنلىغان ناخشا، ئىشتىراكچىلارنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى. پائالىيەتكە ژۇرنالىست ئوغۇز ھاكسەۋەر بىلەن خاندە فىرات رىياسەتچىلىك قىلدى. 15-ئىيۇل زۇلمەتلىك كېچىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى فوتوگرافلار ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ كۆرسىتىلدى. 15-ئىيۇل قەھرىمانلىرى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى بىر-بىرىدىن داڭلىق سەنئەتچىلەر ياڭراتتى.

پائالىيەتكە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى، سابىق باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى كادىر توپباش، تۈركىيەت رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇدىرى شەنول گۆكا، شېھىتلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ۋە غازىلار قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر