ئىسپانىيەدە تۇنجى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى

ئىسپانىيەنىڭ سان سېباستىئان شەھىرىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قارمىقىدا «ئىسلامىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» ئېچىلدى.

567611
ئىسپانىيەدە تۇنجى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭىدىن ئېچىلغان ئىسپانىيە ئىسلامىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋەكىلى بادار ھىجرا، يېڭى مەۋسۇم ئوقۇغۇچى تىزىملاش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارغا بۇ مەۋسۇملۇق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما، ئىمتىھانلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىنىدىغانلقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۆت يىللىق باكلاۋورلۇق تەربىيەسىدىن كېيىن ئىككى يىل ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق دەرسى بېرىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

سان سېباستىئان ۋالىيسى ئېنېكو گوئىئا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ناھايىتى زور پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر