كۆرۈلۈش جەھەتتە رېكورت ياراتقان «ئاۋاتار»نىڭ داۋامى ئىشلىنىدۇ

2009-ئىشلەنگەن ئىلمىي فانتازىيە فىلىمى «ئاۋاتار»نىڭ داۋاملىق ئىشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

542197
كۆرۈلۈش جەھەتتە رېكورت ياراتقان «ئاۋاتار»نىڭ داۋامى ئىشلىنىدۇ

2009-يىلى كۆرۈلۈش جەھەتتە رېكورت ياراتقان «ئاۋاتار»ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى جېيمىس كامېرون، «ئاۋاتار»نىڭ داۋاملىق ئىشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تىتانىك،مەخلۇق، تېرمىناتور قاتارلىق فىلىملەرنىڭمۇ رېژىسسورى بولغان جېيمىس كامېرون ئۆزى ۋە سىنارىيەچىلەرنىڭ نۇرغۇن سىنارىيە يازغانلىقلىرىنى، بۇ سەۋەبتىن ئاۋاتارنىڭ يەنە 3 قىسمى ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رېژىسسور كامېرون ئىلمىي فانتازىيە فىلىمى بولغان ئاۋاتارنىڭ قالغان قىسىملىرىدىمۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بۇ فىلىمنىڭ قالغان قىسىملىرىغا نۇرغۇن چىقىم كېتىدىغانلىقى ۋە 2-قىسمىنىڭ 2018-يىلى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاۋاتار فىلمىدىن 2 مىليارد 800 مىليون دوللار كىرىم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر