«ئاللاھنىڭ ئەلچىسى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ناملىق فىلىم بۈگۈن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

ئىرانلىق رېژىسسورنىڭ سېنارىيەسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق دەۋرى تېما قىلىنغان فىلىم، بۈگۈن ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

539201
«ئاللاھنىڭ ئەلچىسى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ناملىق فىلىم بۈگۈن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق دەۋرىنى باش تېما قىلغان «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ناملىق فىلىم، بۈگۈن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

مەزكۇر فىلىم ئىرانلىق رېژىسسور مەجىد مەجىدىنىڭ سېنارىيەسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ھاياتىنىڭ بىر مەزگىلى بايان قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ 12 ياشقا كىرگىچە بولغان ھاياتى بىلەن ئۇ يىللاردا مەككەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

ھاياتقا ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان چۈشەنچە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەزكۇر فىلىمنىڭ «چاقىرىق» فىلىمىدىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش 2015 – يىلى تاماملانغان. فىلىمدە، سارە بايات، موھسىن تاناباندە، رانا ئازادىۋار، ئەلى رىزا شوجانۇرى ۋە مىنا ساداتى قاتارلىق ئارتىسلار رول ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر