خەلق ئاممىسى ئاياسوفيا مەيدانىدا ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلىدى

خەلق ئاممىسى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيا مەيدانىدا بامدات نامىزى قىلدى.

499340
خەلق ئاممىسى ئاياسوفيا مەيدانىدا ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مىللىي ياشلار فوندى جەمئىيىتى» ۋە «ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەر تاڭ سەھەردە ئاياسوفيا مەيدانىغا توپلاندى.

«ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى سالىھ تۇرھان ئاياسوفيا مەيدانىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر سىمۋول ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پتل ۋۇجۇدى پەتھى روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان كىشىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

كېيىنچە كەڭ خەلق ئاممىسى ئاياسوفيا مەيدانىدا بامدات نامىزى قىلدى.

ئاياسوفيانىڭ ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشكەن ئامما ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى ھەمدە بۇنىڭ فاتىھ سۇلتان مەھمەت خانغا بولغان ۋاپا بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر