ئىسلام دۈشمەنلىكى كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بولۇپمۇ پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن دونالد ترامپنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن بىرلىكتە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن يۇمۇرلۇق ئېلان خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

498574
ئىسلام دۈشمەنلىكى كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 1 مىنۇتلۇق ئېلان ۋىدېئوسىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسۇلمان قوشنىلىرىغا بولغان گۇمانىي قاراشلىرى يۇمۇرلۇق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە. ۋىدېئودا مۇسۇلمانلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئامېرىكىلىقلارغا « Islamophobin» دەپ ئاتالغان سېغىزنى چاينىشى تەكلىپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلمەكتە: « Islamophobin ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىسلام دۈشمەنلىكى كېسەللىكىنى ساقايتقىلى بولىدۇ. مەھسۇلاتىمىز قارىغۇلارچە ئۆچ – ئاداۋەت، ئورۇنسىز ھالدا مۇسۇلماندىن قورقۇش ۋە تەرسالىق كېسەللىكلىرىگە شىپادۇر.»

ئېلاندا ئامېرىكا خەلقىگە خىتاب قىلىنىپ مۇنداق دېيىلمەكتە: «مۇسۇلمانلاردىن قورقامسىز؟ ياكى نەپرەتلىنەمسىز؟ كىيىنىشى، گەپ قىلىشى ياكى پىكىر - تەپەككۇر قىلىشى سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىنسانلارغا گۇمان بىلەن قارامسىز؟ مۇسۇلمان ياكى سىز مۇسۇلمان دەپ ئويلىغان بىرەرسىنى كۆرگىنىڭىزدە قاتتىق ئەندىشىلىنىپ كېتەمسىز؟  سىز ئولتۇرغان ئايروپىلاندا مۇسۇلمان بولمىسىكەن دەپ دۇئا قىلامسىز؟ ئەگەز سىزدە شۇنداق ئىللەتلەردىن ياكى كېسەللىكلەردىن بىرەرسى بولسا، Islamophobin سېغىزىنى چايناپ بەرسىڭىز، دەرھال سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز. ھەتتا مۇسۇلمان قوشنىلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن بىردىنلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ كېتىسىز. مەھسۇلاتىمىز شېكەرسىز، باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، ئارانلا 1.99 دوللار.»

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقى نىھاد ئاۋاد ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، دونالد ترامپ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشقا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلارچە بەرگەن باياناتلىرىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى، شۇڭا ترامپ نامزات بولغان تەقدىردە، ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئىسلام دۈشمەنلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر