بۇ كېچە مۇسۇلمانلار بەرائات قاندىلىنى كۈتۈۋالىدۇ

مەمەت گۆرمەز، «بۇ كېچە، مەۋجۇتلىقىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆز - ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش ۋە تەپەككۈرگە شۇڭغۇش ئىمكانىيەتلىرى سۇنىدىغان ئېسىل پۇرسەتتۇر» دېدى.

495012
بۇ كېچە مۇسۇلمانلار بەرائات قاندىلىنى كۈتۈۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ئېتىقادىغا كۆرە «بەرائات»نىڭ مەنىسى، گۇناھلاردىن پاكلىنىش، ئاقلىنىش، ئاللاھنىڭ ئەپۇ – مەغپىرىتىگە سازاۋەر بولۇش دېگەننى بىلدۈردى.

شابان ئېيىنىڭ 15 كېچىسىگە توغرا كېلىدىغان بەرائات قاندىلى، تۈركىيە مىقياسىدىكى بارلىق جامەلەردە ئالاھىدە پىروگراممىلار بىلەن تەبرىكلىنىدۇ.

تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى  مەمەت گۆرمەز، رامىزان ئېيىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان بەرائات قاندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

مەمەت گۆرمەز باياناتىدا، «ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھېسابلىشىش بېكەتلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان بۇ خىل رەھمەتلىك كېچىلەر، مەۋجۇتلىقىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆز - ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش ۋە تەپەككۈرگە شۇڭغۇش ئىمكانىيەتلىرى سۇنىدىغان ئېسىل پۇرسەتلەردۇر. بۇ كېچىدە ھەر بىر مۆئمىن يامانلىق بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىلەرنى ئۆلچەپ كۆرىشى، يامانلىققا ماڭىدىغان يوللارنىڭ ھەممىنى ئېتىۋېتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قەتئىي قارارغا كېلىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر