«ھەقىقىي ئىسلام تىنچلىق ۋە ھۆرمەت دىنىدۇر»

ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە «ھەقىقىي ئىسلام تىنچلىق ۋە ھۆرمەت دىنىدۇر» شوئارى ئاستىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن «ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىش كۇرسلىرى» ئېچىلىدۇ.

443732
«ھەقىقىي ئىسلام تىنچلىق ۋە ھۆرمەت دىنىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىلانو، مونزا ۋە برىئانزا ئىسلام جامائەيلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان كۇرسلاردا شەھەردىكى مۇسۇلمانلارغا «جىنسىيەت باراۋەرلىكى» ۋە «ھېس – تۇيغۇلۇق ھايات» قاتارلىق تېمىلاردا تەلىم بېرىلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيۇشتۇرغۇچىلار كۇرسلارنىڭ مۇسۇلمان ئەرلەر، توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قىز – يىگىتلەر ۋە ئىماملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، كۇرس جەريانىدىكى پائالىيەتلەر دائىرىسىدە جۈمە نامازلىرى جەريانىدا بېرىلىدىغان تەبلىغلەردىمۇ ئاياللارغا ھۆرمەت توغرۇلۇق ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىشى پىلانلانماقتا ئىكەن. كۇرسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھە دائىرىسىدە ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى ئېلان سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تونۇشتۇرۇش ۋىدېئوسىدا ئەرەبچە ۋە ئىتالىيانچە قاتارلىق ھەر خىل تىللاردا «مۇھەببەت دېمەك، ھۆرمەت دېمەكتۇر»، «يولدىشىڭىزنىڭ سېنى ئۇرۇشى، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى» قاتارلىق سىگناللار بېرىلمەكتە. ۋىدېئودىكى ئىماممۇ: «ئىسلامنىڭ ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشىغا ئىزىن بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار شەك – شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر» دېمەكتە. مىلانو، مونزا ۋە برىئانزا ئىسلام جامائەيلىرى بىرلىكى باياناتچىسى دېۋىدې پىككاردو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ لايىھەلەر ئارقىلىق ئىسلامغا قارىتا خاتا قاراشلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، ھەقىقىي ئىسلام تىنچلىق ۋە ھۆرمەت دىنىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر