TRT «ئەڭ مۇنەۋۋەر تاراتقۇ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

بۇ يىل 4 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا TRT ئىستانبۇل شەھەر رادىيوسى «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك رادىيوسى» مۇكالاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

431405
TRT «ئەڭ مۇنەۋۋەر تاراتقۇ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TRT باش مۇدىرى شەنول گۆكا مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، رادىيودا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھەم كۆرۈنمەستىن سۆيدى ھەم كۆرۈنمەستىن سۆيۈلدى. شۇڭا مەن رادىيودا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قەھرىمان دەپ ئاتايمەن. شۇنداقلا بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن قەھرىمانلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.» فاتىھ ناھىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا كەڭ خەلق ئاممىسى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بېلەت تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر