دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرى
دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرى بولغان سارايېۋو قەتلىئامىنىڭ 22 – يىللىقى مۇراسىم ئارقىلىق خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا بوسنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سېربلار تەرىپىدىن ماركالە بازىرىدا قەتل قىلىنغان 68 كىشى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
قۇربانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى مىناميوت چۈشكەن جايغا گۈلچەمبىرەك قويدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سېربلار بوسنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سارايېۋونى ئۇدا 48 ئاي قامال قىلىۋالغان، قامال 22 – ئايغا قەدەم قويغاندا سربلار ماركالە بازىرى ئەتراپىدا ئائىلىسىگە پەقەت بىر لوقما تائام تېپىش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان بوشناقلارنىڭ ئۈستىگە بومبا ياغدۇرغان، ھۇجۇمدا 68 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 144 كىشى يارىلانغان، ئەمما سېربلار مەسۇم پۇقرالار نىشان قىلىنغان دەھشەتلىك ھۇجۇمنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ھۇجۇمدىن ئۆزلىرىنىڭ جاۋابكار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىمۇ بومبىنىڭ بوشناقلارنىڭ بازىلىرىدىن ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن لاھېي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سېرب قوماندانلار سوتلانغان چاغدا ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقان.
سارايېۋونى قامال قىلغان سېرب قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ستانىسلاۋ گالىچ ھۇجۇمنى ئېتىراپ قىلغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بەرائەت كېچىسى بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى دەپ قارالغان بەرائەت كېچىسى، بۈگۈن كەچتە ئالاھىدە خاتىرىلىنىدۇ.

«بەرات قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ
رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان «بەرات قەندىلى (كېچىسى)» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.