ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق كېڭەش قۇرىدۇ

ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشى تەرىپىدىن ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلغان يىغىندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئورتاق كېڭەش قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق قارار ئېلىندى.

427567
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق كېڭەش قۇرىدۇ
Müslümanlar cami

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان يىغىندا ئەنگلىيەدىن تۈركىيەگىچە، گېرمانىيەدىن كاناداغىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن شەخسلەر ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب جەمئىيىتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ھەقتە ئېلىنغان قارارنىڭ «ۋاشىنگىتون باياننامىسى» نامى بىلەن ئىشتىراكچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئورتاق كېڭەشنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرىدىغانلىقى، كېڭەش قارمىقىدا يەنە بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ خىزمىتى، غەرب جەمئىيىتى ۋە سىياسەتكە ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر