«ئەرتۇغرۇل 1890 » ناملىق فىلىم ئوسكارغا نامزات بولدى

ياپونىيە بىلەن تۈركىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئەرتۇغرۇل 1890 » ناملىق فىلىم ئوسكارغا نامزات بولدى.

425002
«ئەرتۇغرۇل 1890 » ناملىق فىلىم ئوسكارغا نامزات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ھاۋا يوللىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان «ئەرتۇغرۇل 1890»ناملىق فىلىم «ياپونىيەنىڭ ئوسكار مۇكاپاتلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان 39-ياپون ئاكادېمىيە مۇكاپاتلىرىدا 10 ساھە بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

تۈرك-ياپون مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 125 يىل ئىلگىرى يولغا چىققان ئوسمانلىغا تەۋە ئەرتۇغرۇل ناملىق ھەربىي كېمىنىڭ ياپونىيەنىڭ كۇشىموتودا ۋەقەگە ئۇچرىشىدىن كېيىن، ياپون خەلقىنىڭ ئوسمانلى ئارمىيەسى خادىملىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىلەن باشلىغان، يىللاردىن كېيىن ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ئەسناسىدا تېھرانغا قاپسىلىپ قالغان 215 ياپون پۇقراسىنىڭ تۈرك ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بىر ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىككى دۆلەت دوستلۇقى تەسۋىرلەنگەن «ئەرتۇغرۇل 1890»ناملىق فىلىم تۇنجى تۈرك-ياپون ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر.

ياپون ئاكادېمىيە مۇكاپاتلىرىدا «ئەڭ ياخشى بەش فىلىم» ساھەسىدە 5 نامزات ئارىسىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان «ئەرتۇغرۇل 1890» « ئەڭ ياخشى فىلىم،ئەڭ ياخشى سېنارىيە، ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم، ئەڭ ياخشى مۇزىكا، ئەڭ ياخشى چىراق، ئەڭ ياخشى ئاۋاز لېنتىسى، ئەڭ ياخشى ئوپېراتورلۇق، ئەڭ ياخشى سەنئەت رېژىسسورى»ساھەلىرى بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

دەرىجىگە كىرەلىگەن ئەسەرلەر 2016-يىلى 4-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈرك-ياپون دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 125-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن Airbus 330 تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسىنى ئىراق-ئىران ئۇرۇش ئەسناسىدا ياپون پۇقرالىرىنى قۇتقۇزغان ئەينى دەۋىردىكى ئايروپىلاننىڭ رەڭلىرى بىلەن بوياپ، ئايروپىلاننىڭ نامىنى كۇشىموتوغا ئۆزگەرتكەنىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر