«ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ»

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، ئەنگلىيەدە ئىككى يىل تۇرۇپمۇ ئىنگلىزچە ئۆگىنەلمىگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

423371
«ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ»
David Cameron

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹جاھاندىكى ئۆزگىرىشلەر› تور بېتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، ئەنگلىيەدە ياشاۋېتىپمۇ ئىنگلىزچە ئۆگىنەلمىگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بالىلىرى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېمىرىن «‹ Times› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، بىر قىسىم مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ ئەنگلىيەدە جەمئىيەت بىلەن ماسلىشالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاشقۇن قاراشلار ۋە ئايللارنى خەتنە قىلدۇرۇش ياكى مەجبۇرى ياتلىق قىلدۇرۇشتەك قىلمىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېمىرىن، ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «لىبېرال قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز ۋە ياشاش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلەردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئەنگلىيەدە ئاياللار قانداق ياشاشنى ئۆزلىرى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.»

كېمىرىن، ئاياللار ئىنگلىزچە ئۆگىنەلمىگەن تەقدىردە، ئەنگلىيەدە تۇرۇش ھوقۇقىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

يېڭى بەلگىلىمىلەرگە كۆرە، يولدىشىنىڭ 5 يىللىق ۋىزىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيەگە كەلگەن كۆچمەن ۋە مۇساپىر ئاياللار 2 يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ % 22 تى ناھايىتى ئاز ئىنگلىزچە بىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر