44 توملۇق ئىسلام ئىنسېكلوپېدىيەسى (قامۇسى) چىقتى

ئىسلام ئىنسېكلوپېدىيەسى (قامۇسى) دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاكادېمىك مەنبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

138601
44 توملۇق ئىسلام ئىنسېكلوپېدىيەسى (قامۇسى) چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنجى جىلدى 1988 – يىلى بېسىلغان ئىنسېكلوپېدىيە (قامۇس) جەمئىي 44 توم ۋە 25 مىڭ بەتتىن تەشكىل تاپىدۇ.
بۇ قامۇس 2014 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى مەدەنىيەت - سەنئەت چوڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. ھازىر چەتئەللەردىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
قامۇس ئەڭ ئاساسلىق 500 ئەسەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىچە بىر شەكىلدە ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئىسلام دۇنياسى بويىچىمۇ تۈنجى ۋە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئىسلامىي ئىلىملەر قامۇسى ھىساپلىنىدۇ.
بۇنداق بىر خىزمەت نېمە ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالدى؟
ئەسىلىدە 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن يازىلغان ئىسلام ئىنسېكلوپېدىيەسى (قامۇسى)دىكى مەزمۇن خاتالىقلىرى مانا شۇنداق بىر خىزمەتنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى تەقەززا قىلماقتا ئىدى.
تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئىسلام ئىنسېكلوپېدىيەسى (قامۇسى) مەزمۇن جەھەتتە شەرقشۇناسلارنىڭ سۆزلىرى كۆپ ئورۇن ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا ئىدى.
بۇنى كۆرگەن تۈركىيە ئالىملىرى ئۈزلۈكسىز جىددىي خىزمەتلەرنى باشلاپ، ئاخىرى ئىسلام كۈلتۈرى ۋە تارىخىغا ئائىت تۈپ ئاساسلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي مەنبە خاراكتېرلىك بىر كاتتا ئەسەرنى، يەنى ھەقىقىي ئىسلام ئىنسېكلوپىدىيەسى (قامۇسى)نى مەيدانغا چىقاردى.

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر