«3 ئەۋلاد، 1 قىرغىنچلىق» ناملىق قاراباغ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك ئەنقەرەدە ئېچىلغان «3 ئەۋلاد، 1 قىرغىنچىلىق» ناملىق قاراباغ فوتو – سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

130283
«3 ئەۋلاد، 1 قىرغىنچلىق» ناملىق قاراباغ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان جەمىل چىچەك، قاراباغنىڭ ئۆزىنى تۈرك، دەپ قارايدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە 22 يىلدىن بۇيان ئىنسانلىق تېراگېدىيەسنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چىچەك مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن دۆلەت، بىر قىسىم ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ھەققىدە سۆز قىلىدۇ، سۈرىيەدىكى، ئىراقتىكى، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن 22 يىلدىن بۇيان ئۇ يەردە بىر ئىنسانلىق تېراگېدىيەسى يۈز بەرمەكتە. بىر مىليوندىن ئارتۇق تۈرك قېرىندىشىمىز يۇرت – ماكانىدىن چىقىرىلدى. ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ئىشغال بار، يۈز بەرگەن رەھىمسىزلىكلەر، جىنايەتلەر بار. ئۇ رەھىمسىزلىكنى سادىر قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتىمۇ بار. بۇنى ھەممە بىلىشى كېرەك، بۇ ھەممىمىزنىڭ داۋاسى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئازابىمىزدۇر، ئۇ زېمىنلار قايتىدىن تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ياشايدىغان جايغا ئايلانغۇچە بۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىم.»

ئىگىلىنىشىچە، ئەنقەرەدە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان كۆرگەزمە، ئىستانبۇل، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر