«قىش ئۇيقۇسى» ئوسكار يولىدا...

87- نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتلىرىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشتۇرۇلىدىغان فىلىم مۇقىملاشتى.

78889
«قىش ئۇيقۇسى» ئوسكار يولىدا...

كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك، «قىش ئۇيقۇسى» ناملىق فىلىمنىڭ ئوسكاردا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
87- نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتلىرىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشتۇرۇلىدىغان فىلىم مۇقىملاشتى.
كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك، نۇرى بىلگە جەيلاننىڭ «قىش ئۇيقۇسى» ناملىق فىلىمىنىڭ ‹ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىمى› تۈرى بويىچە ئوسكار مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۆمەر چەلىك، «خەلقئارا سەھنىدە ئالاھىدە يۇقىرى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن نۇرى بىلگە جەيلاننىڭ ئوخشاش ئۇتۇقنى ئوسكار يولىدىمۇ نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېدى.
«قىش ئۇيقۇسى» ناملىق فىلىم 67- نۆۋەتلىك كاننېس فىلىم فېستىۋالىدا ‹ئالتۇن پالما› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر