پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

مۇسۇلمانلار تۈنۈگۈن سەھەر قوياشىنىڭ تۈنجى نۇرى بىلەن تەڭ جامىلەرگە قاراپ ئاقتى.

73927
پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى



ھەممەيلەن قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، غەززە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى غەززە خەلقىمۇ ئەل ئەمىر كەبىر جامىسىدە ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئامىدا يېقىن - يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان غەززەلىكلەر ئەڭ دەسلەپ قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلدى.
مەسجىدى ئەقسادا بولسا، نامازدىن كېيىن «غەززەگە ياردەم!» دېگەن شوئارلار توۋلاندى.
ئۆزبېكىستاندىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ توختىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
تەخمىنەن 4 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان گېرمانىيەمۇ ھېيت شاتلىقىغا چۆمۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولدى.
پايتەخت بېرلىندە جامىلەرگە پاتماي قالغان جامائەت ھويلىغا سېلىنغان چىغ جاينىمازلارنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇدى.
بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەردىمۇ ھېيت قىزغىن قارشى ئېلىندى.
بوسنىيە – گېرىتسىگوۋېنا، سېربىيە، قاراتاغ، كوسوۋا، ماكېدونىيە، كېرودىيە ۋە ئالبانىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھېيت نامىزى ئۈچۈن جامىلەرنى تولدۇردى.
ھېيت نامىزى خۇتبىرىلىرىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تەكىتلەندى.
ياۋروپادىكى جامى تاپقىلى بولمايدىغان بىردىن – بىر پايتەخت ھېسابلىنىدىغان ئافىنادا بولسا، مۇسۇلمانلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ھېيت نامىزى ئوقۇدى.
ئىراق، ئەربىلدىمۇ سەھەرنىڭ تۈنجى قوياش نۇرى بىلەن تەڭلا جامىلەر تولۇپ تاشتى.
پىلىپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بولسا، باغچىدا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.
ھېندونېزىيەدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ جامى ھېسابلىنىدىغان مۇستەقىللىق جامىسىدە، ئەر، ئايال، كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 300 مىڭغا يېقىن جامائەت ھېيت نامىزىغا سەپ تۇتتى.
ئاۋۇستېرالىيەدە بولسا، ئۇبۇرن غەلىبولو جامىسىگە پاتماي قالغان مۇسۇلمانلار جامى باغچىسى ۋە ھويلىسىدا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.
ھېيت شاتلىقى تۈركىيەدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان غەززە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىۋاتقان ئازاب - ئوقبەتلىرى تۈپەيلىدىن كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر