لىدەرلەر روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل باياناتىدا، غەززە، ئىراق ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى قاپلاپ كەتكەن ئاھۇ - پەريادلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى

72763
 لىدەرلەر روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىدەرلەر روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل باياناتىدا، غەززە، ئىراق ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى قاپلاپ كەتكەن ئاھۇ - پەريادلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتنى كۆڭلى سۇنۇق ھالدا كۈتۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇللاھ گۈل، «غەززەدە ئىنسانىيەتكە قارشى ناھايىتى چوڭ جىنايەت سادىر قىلىنماقتا، تېخىمۇ ئەندىشىلىك بولغىنى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا يېتەرسىز قېلىشى» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس گۈل، قان ۋە كۆز ياشلىرىنىڭ توختىشى، ئاھۇ - پەرياد ۋە دەرد - ئەلەملەرگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دەرھال ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇللاھ گۈل، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ دەرھال رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى يولىدا تۈركىيەنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇللاھ گۈل، 28 - ئاۋغۇست كۈنى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى ئەسكەرتتى ھەمدە باياناتىنى، «‹خەلققە خىزمەت قىلغانلىق، ھەققە خىزمەت قىلغانلىق› ئېڭىغا ئاساسەن خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» تەرىسىقىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەكمۇ باياناتىدا، «ئىسلام دۇنياسى زۇلۇم - سىتەملەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە ئاھۇ - پەرياد چېكىۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
چىچەك، قېرىنداش خەلقلەر تارتىۋاتقان زۇلۇم - سىتەملەرگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى؛ ھۇزۇر ۋە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدا ئېقىۋاتقان قان ۋە كۆز ياشلىرىنىڭ دەرھال توختىشى، ئىنسانلارنىڭ ئەندىشىلەردىن خالىي، خۇشال - خۇرام ياشاش شارائىتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باياناتىدا، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق توختالدى. ئەردوغان، «ھەمىشە زالىملارغا قارشى تۇرۇپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەتلىئاملارغا سۈكۈت قىلمىدۇق» دېدى. رامىزان ئېيى بويىچە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك، ئوخشاش ئاتموسفېرادىن نەپەسلىنىشنىڭ تەمىنى تېتىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ مۇبارەك ئايدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئاھۇ - پەرياد ۋە زۇلۇم - سىتەملەر ھېچ بېسىقمىدى، بولۇپمۇ غەززەدە ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن ئاھۇ - پەريادلار يۈرەك باغرىمىزنى خۇن قىلىۋەتتى» دېدى. غەززەدىكى قەتلىئاملارغا سۈكۈت قىلمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «ئۆزىمىزگە راۋا كۆرگەننى رايونىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ راۋا كۆرمەسلىكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر