جۇمالىقىزىك ۋە بەرگاما دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى...

بۇرسادىكى جۇمالىقىزىك ۋە بەرگاما دوھادا چاقىرىلغان ب د ت پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 38- نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى.

103768
جۇمالىقىزىك ۋە بەرگاما دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى...

بۇرسادىكى جۇمالىقىزىك ۋە بەرگاما دوھادا چاقىرىلغان ب د ت پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 38- نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى.
قاتار مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مەركىزىدە چاقىرىلغان يىغىندا، قاتار ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان «بۇرسا ۋە جۇمالىقىزىك: ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تۇغۇلۇشى» بىلەن گېرمانىيە تەكلىپ قىلغان «بەرگاما، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت باغچىسى» دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە قوبۇل قىلىندى.
«جۇمالىقىزىك دەسلەپكى دەۋر ئوسمانلى شەھەر ۋە يېزا ئولتۇراق جايلىرى» ۋە «بەرگاما» نىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن جايلىرىنىڭ سانى 11 دىن 13 كە چىقتى.
«بۇرسا ۋە جۇمالىقىزىك: ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تۇغۇلۇشى» دۇنيا مىراسى ئورنى ئورھانغازى كۇللىيەسى ۋە ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خانلار رايونى، خۇداۋەندىيار (1-مۇرات) كۇللىيەسى، يىلدىرىم (1-بەيازىد) كۇللىيەسى، يېشىل (1- مەھمەت) كۇللىيە، مۇرادىيە (2-مۇرات) كۇللىيەسى ۋە جۇمالىقىزىك يېزىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىن تەشكىل تاپىدۇ.
ھېلېنىستىك دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ كۇتۇبخانىلىرىنىڭ بىرى قۇرۇلغان بەرگامامۇ مەدەنىيەت باغچىسى كاتېگورىيەسى تۈرى بويىچە تىزىملىككە ئېلىندى. ھېلېنىستىك روما، شەرقىي روما ۋە ئوسمانلى دەۋرلىرىگە تەۋە قالدۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بەرگاما، ئاكروپول، ئەتراپىدىكى يەتتە دانە گۈمبەز ۋە كيبەلە مۇقەددەس ماكانى قاتارلىق توققۇز مەدەنىي مىراسنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت.
تۈركىيەنىڭ دۇنيا مىراس تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان جايلىرى «ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي ماكانلىرى، دىۋرىگى چوڭ جامەسى ۋە دارۇششىفاسى، خاتتۇشاش، نەمرۇت تېغى، شانتوس – لېتون، سافرانبولۇ شەھىرى، ترۇۋا قەدىمىي شەھىرى، ئەدىرنە سەلىمىيە جامەسى ۋە كۇللىيەسى، گۆرەمە مىللىي باغچىسى ۋە كاپادوكيا، پامۇكقەلئە ھىئەراپولىس ۋە چاتالھۆيۈك يېڭى دەۋر شەھىرى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر