ئەنقەرە فىلىم فېستىۋالىنىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

25 – نۆۋەتلىك ئەنقەرە خەلقئارا فېلىم فېستىۋالىدا تۈرلەر بويىچە نەتىجىگە ئېرىشكەن فىلىملەرنىڭ ئىگىلىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

96405
ئەنقەرە فىلىم فېستىۋالىنىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە فىلىم فېستىۋالىدا «دائىرە فىلىمى» توققۇز رەقىبىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتى غا ئېرىشتى.
رېژىسسور ئاتىل ئىنانچنىڭ «دائىرە» فىلىمىدە رول ئالغان نازان كەسال، «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس»، فاتىھ ئال «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس»، ئەرول بابائوغلۇ بولسا، «ئەڭ ياخشى قوشۇمچە ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«ناخشا ئېيتقان ئاياللار» ناملىق فىلىم، فېستىۋالدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن يەنە بىر فىلىم بولدى. فىلىم رېژىسسورى رەھا ئەردەم «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىغا، فىلىمدە رول ئالغان دېنىز ھاسگۈلەر «ئەڭ ياخشى قوشۇمچە ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. بۇ فىلىم يەنە، ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈش، ئەڭ ياخشى سەنئەت رېژىسسورلۇقى ۋە ئەڭ ياخشى ئاۋاز لايىھەلەش مۇكاپاتلىرىنىمۇ قولدىن بەرمىدى.
ھۆججەتلىك فىلىم تۈرىدە 11 فىلىم ئۆز ئارا رىقابەتلەشتى.
گۈلىز ساغلام «خىيالدىكى تەپەجىك مەكتىپى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن بىرىنچى بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر