TRT ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

34 ھۆججەتلىك فىلىم ئارىسىدىن «تور بەت خۇمارلىرى» ۋە «بوران - چاپقۇن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

66748
TRT ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TRT ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى.
34 ھۆججەتلىك فىلىم ئارىسىدىن «تور بەت خۇمارلىرى» ۋە «بوران - چاپقۇن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.
ھۆججەتلىك فىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنى قوللاش ۋە مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتۈرۈش نىشان قىلىنغان « TRT ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» نىڭ تۈنۈگۈن ئاخىرقى كۈنىدە مۇكاپات ھاياجىنى بار ئىدى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا، ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، TRT باش مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن ۋە كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
TRT باش مۇدىرى ئىبراھىم شاھىن، مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، نىشانلىرىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم ساھەسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ھۆججەتلىك فىلىمگە بولغان قىزىقىشنىڭ يىلدىن يىلغا يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھىلا رېژىسسورلۇقىدا، شوخ شىلام تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «تور بەت خۇمارلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خەلقئارالىق كاتېگورىيەدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
مەھمەت ئۆزگۈر جاندان رېژىسسورلۇقىدىكى «چالىقۇشۇ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، مىللىي كاتېگورىيەدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئايدىن كاپانجىق رېژىسسورلۇقىدىكى «بوران - چاپقۇن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، مىللىي ھەۋەسكارلار كاتېگورىيەسىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان TRT دە سۈرەتكە ئېلىش رېژىسسورى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەۋفىق شەنول شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر