بوسنا ھەرسەكنىڭ تارىخىي كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى

بوسنا ھەرسەكنىڭ تارىخىي «ۋىيېچنىسا» كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى

65073
بوسنا ھەرسەكنىڭ تارىخىي كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنا ھەرسەكنىڭ تارىخىي «ۋىيېچنىسا» كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى.
بوسنا ھەرسەكنىڭ پايتەختى سارايبوسنانىڭ ئەڭ مەشھۇر تارىخىي يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان ۋىيېچنىسا كۇتۇپخانىسى ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئېچىلدى.
مىللىي كۇتۇبخانا 1992 يىلى سېرب ياشلار ئاتقان فوسفور بومبىرىلىرىدا ۋەيران بولغانىدى.
ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان ئوت ئاپىتىدە 155 مىڭ قول يازما، دۆلەتنىڭ مىللىي ئارخىپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىليونغا يېقىن ئەسەر كۆيۈپ كەتكەنىدى.
«بوسنا ھەرسەكنىڭ مېڭىسى» دەپ ئاتالغان، شەھەرنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان تارىخىي مىللىي كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بوسنا ھەرسەك ئالى ۋەكىلى ۋالېنتىن ئىنزىكو، بوسنا ھەرسەك ئۈچ تەرەپ پىرېزىدېنت رىياسىتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچتىن سىرت يەنە كۆپ ساندا مەسئۇللار ئىشتىراك قىلدى.
باقىر ئىززەتبېگوۋىچ، «بۈگۈن بوسنا ھەرسەك ۋە سارايبوسنا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر كۈن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كۇتۇپخانىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلەر، بۈگۈن ناھايىتى ياخشى جاۋابقا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۇتۇبخانا بىنامىز ئۇرۇشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى» دېدى.
ۋالېنتىن ئىنزىكومۇ، كۇتۇپخانىنىڭ ئۇدا 18 يىل داۋاملاشقان رېمۇنت خىزمىتى نەتىجىسىدە قايتىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سارايبوسنا سىمفونىيە ئوركېسترىمۇ بۇنداق ئەھمىيەتلىك كۈندە سارايبوسنالىقلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر