دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنىغا ئىسلام مۇزېيى سېلىنىشى قارار قىلىن

ئىسلام مۇزېيى سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان 5 قەۋەتلىك بىنانى چېقىش خىزمىتى 1 ئاي ئىچىدە باشلىنىدىكەن

63879
دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنىغا ئىسلام مۇزېيى سېلىنىشى قارار قىلىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنىغا ئىسلام مۇزېيى سېلىنىشى قارار قىلىندى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە، 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ھۇجۇمدىن كېيىن «نۆل نۇقتا» دەپ ئاتالغان دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 2 كوچا يىراقلىقىغا سېلىنىشى پىلانلانغان ۋە قاتتىق تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولغان جامە لايىھەسىنىڭ ئورنىغا ئىسلام مۇزېيىنىڭ بەرپا قىلىنىشى قارار قىلىندى.
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە يېقىن - يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر قىسىم نىيۇ يوركلۇقلار بىلەن چاي پارتىيەسى ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىكال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قارشى چىققان دۇنيا سودا مەركىزى ئەتراپىغا جامەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام مەركىزى سېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىلىپ، ئورنىغا ئىسلام مۇزېيى بەرپا قىلىنىشى پىلانلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسلام مۇزېيى سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان 5 قەۋەتلىك بىنانى چېقىش خىزمىتى 1 ئاي ئىچىدە باشلىنىدىكەن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر