ئۆمەر چەلىك ئامېرىكىرىدا شەھەر رايونى مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا شەھەر رايونى مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى

63442
ئۆمەر چەلىك ئامېرىكىرىدا شەھەر رايونى مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا شەھەر رايونى مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
مۇزېيدىكى يادىكارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئۆمەر چەلىك، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تۈرك - ئىسلام تارىخىغا ئائىت يادىكارلىقلارنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۆمەر چەلىك، نىيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت يادىكارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن چەلىك، مەسئۇللاردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.
زىيارەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن چەلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن تۈركىيەگە ئائىت تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.
چەلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ مۇزېيدا ھەم ئىنسانىيەت دۇنيانىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا ھەمدە ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت يادىكارلىقلارنىڭ شۇنچىلىك ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. ئامېرىكا دائىرىلىرىنى تەبرىكلەيمەن.»
چەلىك، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان يادىكارلىقلارنىڭ تىزىمغا ئېلىنغانلىرى ئەمەس، ئامېرىكىغا قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۆمەر چەلىكنىڭ كۈنتەرتىپىدە، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقى ئاستىدا قۇرۇلغان «چاناققەلئە 2015 ئاگېنتلىقى» مۇ بار ئىدى.
مىنىستىر چەلىك، لايىھە دائىرىسىدە 36 دۆلەتتە چاناققەلئە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر