ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (40)

1837331
ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى

ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

-------

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۈرىيەدە يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشى توغرۇلۇق سىگنال بېرىشىدىن كېيىن، سۈرىيە ساھەسى قايتىدىن جانلاندى. ئومۇمەن «سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت بولامدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ ئورنىغا «سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قەيەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ؟» دېگەن سوئال كۈنتەرتىپنى مەشغۇل قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارى باشقىچە بىر رەسىمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. كېڭەش، «جەنۇبىي چېگرا لىنىيەمىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر» ئىبارىسىنى تەكىتلىدى. ئۇنداقتا، بۇ ئىبارە قانداق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ؟

ئالدىنقى يىللاردا سۈرىيەدە ياكى ھازىرمۇ ئىراقتا  ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋاقىت ۋە ماكان جەھەتتىن چەكلىك ۋە ئېنىق نىشانغا ئىگەدەك قىلىدۇ. مەسىلەن، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، «زاپ – مەتىنا» رايونىدىكى تېررورچىلارنى «بىر تەرەپ قىلىش» تۇر. بۇنىڭدىكى مەقسەت، زېمىنغا ئىگە بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە تېررورچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون قۇرۇش نىشانى ئالدىنقى پىلاندى ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبىدىن سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىشى مەقسەت قىلنىدۇ.

ھازىرقى باسقۇچتا، ئىراق ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ مەقسەت ھەم نىشانلىرىنىڭ ئىزچىللىقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقتۇر. لېكىن، «دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا قوللىنىلغان ئىبارە يېڭى ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىشكە بولىدۇ.

«جەنۇبتىكى قوشنىلىرىمىز» تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن ئىراق ۋە سۈرىيەدە، تېررورچىلارنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىنى كەڭ دائىرىدە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىستىراتېگىيەلىك تەسىر ۋە نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدىغان يېڭى ھەربىي تاللاش كۈنتەرتىپتە. بۇ دائىرىدە، بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانىنى،  تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئۆز ئۇۋىسىدا بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەتتا كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن، بىخەتەر رايونلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دەپ خۇلاسىلەش مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، ھەر ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ۋە ھەرقانداق ئۇسۇلدا بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.

ئۇنداقتا، كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغۇسى بىر زەنجىرسىمان ھەربىي ھەرىكەتكە، مەسىلىنىڭ تەرەپدارى بولغان دۆلەتلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسى ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە قۇلاق سالىدىغان بىر غەرب دۇنياسى باردۇر. شۇڭلاشقا، ماكگۇركقا تەكرار ھاۋالە قىلىنغان سۈرىيە ھۆججىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى چىقىشى مۇمكىن. لېكىن، گېئوپولىتىكىلىق ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئامېرىكالىقلار، تۈركىيەنىڭ 30 كىلومېتىرلىق چوڭقۇرلۇقتىكى ئەندىشىلىرىگە قارىتا ئۇرغۇسىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى ماكگۇرك ئۆزى ئىمزا قويغان ھۆججەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىدى.

رۇسلارغا نىسبەتەن ئەھۋال بىرئاز باشقىچە. مەلۇمكى، رۇسلار، موسكۋادا ۋاكالەتخانىسى بار بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى كوزېر، دەپ قارايدۇ. رۇسلارنىڭ سۈرىيەدىكى كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، چەكلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما كەڭ دائىرىلىك يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتتە رۇسىيەنى قوللايدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، ھەلەب قاتارلىق ھالقىلىق شەھەر مەركەزلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر ھەربىي ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان رۇسىيەنىڭ، 30 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە رازى بولمىسىمۇ سۈكۈت قىلىشى مۇقەررەردۇر. بولمىسا، ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىماي ئەستايىدىللىق بىلەن تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇلۇۋاتقان تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى كىرىزىسكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورچىلارنىڭ، تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە خىلاپ 30 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە پائالىيەتلىرى رۇسلارنى سۈكۈت قىلدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئىران مەسىلىسى سەل مۇرەككەپ. ئىراننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بىلەن ئارقا پىلاندا دىيالوگ ئورنىتىشى، تۈركىيەگە نىسبەتەن خىرىستۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئىراننىڭ ھەم ئىراق ھەم سۈرىيەدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، بىز ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېخىمۇ ئاكتىپ بىر پەسىلگە قەدەم قويدۇق. رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك سۆھبەتلەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، ئوخشىمىغان رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا ياكى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتلەر، ياز پەسلىنىڭ كۈنتەرتىپى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر