ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئامېرىكاغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىمىز
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دونالد ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا يېڭى تاموژنا باجلىرىنى كۆپەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويسا، ئامېرىكاغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ۋون دېر لېيېن بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسى» تېمىلىق تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يىغىندا دۆلەت مۇداپىئەسى مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن تەشكىلىي جەھەتتىن دىيالوگقا ئورنىتىشقا تەييار. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە زور قىيىنچىلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمىز، بىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تەييارمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئادالەتسىز ياكى خالىغانچە نىشانغا ئېلىنغاندا، قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدۇ.»
ۋون دېر لېيېن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا ۋە مېكسىكاغا تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى قويۇشقا باشلىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ باجلار كارخانىلارنىڭ چىقىملىرىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، ئىشچىلار ۋە ئىستېمالچىلارغا زىيان سېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادتا ئورۇنسىز زىيانلارنى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن ئانچە ياخشى نەتىجە چىقىدۇ دەپ قارىمايمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.