ئامېرىكا: تاموژنا بېجى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئۇرۇشتۇر
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاموژنا بېجىنىڭ سودا ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي دۆلەت ئىقتىساد كېڭىشى ئىشلىرى دىرېكتورى كېۋىن خاسسېت پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجىغا مۇناسىۋەتلىك پەرمانىنىڭ «سودا ئۇۇشى ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەكەسچىلىكىگە قارشى ئۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېۋىن خاسسېت «‹CNBC› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ 1-فېۋرالدا ئىمزالىغان، كانادا ۋە مېكساكىدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتقا 25%، خىتايدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتقا 10% قوشۇمچە باج قويۇش پەرمانى ھەققىدە توختالدى.
خاسسېت مېكسىكانىڭ بۇ پەرمانغا «ناھايىتى جىددىي» قارىغانلىقىنى، كانادانىڭ بۇنى سودا ئۇرۇشى دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ سودا ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تاموژنا بېجى پۈتۈنلەي خاتا چۈشەندۈرۈلدى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پەرمانىنى تولۇق ئوقۇش كېرەك، دەرۋەقە، ترامپنىڭ بۇ پەرماننى چۈشۈرۈشتىكى مەقسىتىمۇ سودا ئۇرۇشى قوزغاش ئەمەس، ئەكسىچە پۈتۈنلەي زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشتۇر.
ئالدىنقى يىلى زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ۋيېتنام ئۇرۇشىدىكىدىنمۇ كۆپ ئادەم ئۆلدى، شۇڭا پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ئۆلۈملەرنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى.»