ترامپ: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ترامپ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئەھدە قىلالمايمەن، چۈنكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز. »
پىرېزىدېنت ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بۈگۈن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋېلىپ – بېسىۋالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ناھايىتى كىچىك بىر زېمىن پارچىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.