رۇسىيە: ئامېرىكانىڭ OPEC گە قويغان تەلىپىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك ئامېرىكانىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) غا قويغان نېفىت «باھاسىنى تۆۋەنلىتىش» تەلىپىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالېكساندىر نوۋاك «‹Rossiya-2› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيەمۇ قاتناشقان يىغىن ھەققىدە توختالدى.
نوۋاك نېفىت بازىرىدىكى ۋەزىيەتنى ئايلىق ئاساستا كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«1-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي كۆپەيتىش جەدۋىلى بويىچە، 2023-يىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىختىيارىي يوسۇندا ئۇدا بىر يېرىم يىل داۋامىدا ئازايتىمىز.
ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى نېفىت بازىرىدا يېڭى قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، جۈملىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رىقابەتلىشەلمەيدىغان شەكىلدە ۋە بازار ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش چاقىرىقى قىلدى.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بەلگىلىمىلەرگە تولۇق رىئايە قىلىدۇ.
دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياسالما ۋە ئادالەتسىز شەكىلدە ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.