خىتاي، بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويۇش قارارىغا قارشى، ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2237034
خىتاي، بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان خام نېفىت، دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى چىقىندىغا چىقىرىلغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يۈك ماشىنىلىرى قاتارلىقلارغا 10 پىرسەنت، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتىغا 15 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىق، قوشۇمچە باجلارنىڭ 10-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە تۇڭستېن، تېللۇر، بىسمۇت ۋە مولىبدېن قاتارلىق مۇھىم مەدەنلەرنىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي دۆلەتلىك بازارنى تەرتىپكە سېلىش ئىدارىسى يەنە ئامېرىكانىڭ ئىنتېرنېت شىركىتى گۇگۇل ھەققىدە، مونوپوللۇققا قارشى بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش باشلانقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، 1-فېۋرالدا ئىمزالىغان قارارنامە بىلەن كانادا ۋە مېكسىكادىن قىلىنىدىغان ئىمپورتقا 25 پىرسەنت، خىتايدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتقا 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويغان ئىدى.

ئاق ساراينىڭ باياناتىدا، خىتايغا قارىتىلغان باج ئۆستۈرۈشنىڭ سەۋەبى، خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ سۈنئىي ئەپيۇننىڭ خام ماتېرىيالى بولغان فېنتانىل ۋە دەسلەپكى خىمىيەۋى ماددىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ «پىكرىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، مەجبۇرىي تېخنىكا يۆتكەش ۋە باشقا ئورۇنسىز قىلمىشلىرى» ۋە «تېررور كۆزىتىش تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى» مۇ قوشۇمچە باجنىڭ سەۋەبلىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ترامپ، كانادا ۋە مېكسىكاغا قويۇلغان باجلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگرا كونتروللۇققىنى كۈچەيتىشى شەرتى بىلەن بىر ئاي كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئەمما خىتايغا قارىتا كېچىكتۈرۈش يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر