فۇ جوڭ خىتاينىڭ پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى فۇ جوڭ، خىتاينىڭ پاناما قانىلىنى باشقۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2237094

خىتاي دائىمى ۋەكىلى فۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتچى رەئىسلىك ھوقۇقىنىڭ بۇ ئاي خىتايغا ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت دا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن فۇ، ترامپنىڭ پاناما قانىلىنى خىتايلارنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «خىتايغا قارىتىلغان بۇ ئەيىبلەشنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز دەپ قارايمەن. مەن خىتاينىڭ پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە قاتناشمىغانلىقىنى ۋە قانال ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. خىتاي پانامانىڭ قانال ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قانالنى مەڭگۈلۈك، بىتەرەپ خەلقئارالىق بىر ئۆتەڭ دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
دونالد ترامپ 20-يانۋار خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىدە، بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن «پاناما قانىلىنى قايتۇرۇۋېلىش» مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي پاناما قانىلىنى ئىشلەتمەكتە. بىز ئۇنى خىتايغا ئەمەس، پاناماغا بەرگەنىدۇق، ئەمدى قايتۇرۇۋالىمىز» دېگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.