توم خومان: ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش نىسبىتى 93 پىرسەنت ئازايدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «چېگرا پادىشاھى» دەپ تەرىپلىگەن ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مەمۇرى توم خومان، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ 93 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى ئېيتتى.

2236649
توم خومان: ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش نىسبىتى 93 پىرسەنت ئازايدى
abd sinir.jpg
Kristi Noem.jpg

خومان فوكس خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ قانانسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەشتە «ئويۇن ئۆزگەرتكۈچى» رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن ھېچكىمنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىدە بۇنىڭغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىدىن كېيىن، چېگرادىن ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ 93 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن خومان، بۇنىڭ ترامپنىڭ دەسلەپكى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى ئازىيىشتىنمۇ يۇقۇرى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خومان چېگرا بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «چېگرىلاردىن كىمنىڭ، نېمىنىڭ كىرگەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ۋە نەگە بارغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

خومان، ھازىردىن باشلاپلا چېگرادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە تۇنجى بىر ھەپتىدە 5 مىڭ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«يامانلارنىڭ ئەڭ يامىنى» نىڭ گۇئانتانامو قولتۇقىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خومان، بۇ يەرنىڭ بۇرۇنمۇ كۆچمەنلەر مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ھازىر تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى كرىستى نوئېم، چېگرا قاراۋۇللىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مېكسىكا چېگرىسىدا تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

ئۇ X ھېساباتىدا ئات ئۈستىدە كاۋبوي قالپىقى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلەپ، «قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە قانداق قوشۇمچە مەنبەلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ چېگرىلاردىن كەلگەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا تاقابىل تۇرغانلىقىمىزدىن خاتىرجەم بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر