سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مۈنبىچ ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا كۆرە، 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 14 پۇقرا يارىلاندى.

2236638
سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئەركىنلىك تېڭى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ دىن تازىلانغان مۈنبىچنىڭ جەنۇبىي كىرىش ئېغىزىدا ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىدى.

ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا كۆرە، 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 14 پۇقرا يارىلاندى.

يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھازىرغىچە ھېچ قايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

يەرلىك بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالماقتا.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى كۈچلىرى ئەركىنلىك تېڭى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە 2024-يىلى 9-دېكابىردا مۈنبىچنى تېرورچىلاردىن قۇتقۇزغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر