ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

2235892
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بومباردىمان قىلدى

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇباس شەھىرىنىڭ تاممون بازىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 10 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. بىراق، يارىلانغانلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تاممون بازىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەتتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ، تۆت كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىدىكى تاممون بازىرىدا ئۇچقۇلار بىلەن «قوراللىق بىر تەشكىلاتقا زەربە بېرىلگەنلىكى» نى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر