تەيۋەندە 5.7 بال يەر تەۋرىدى

تەيۋەننىڭ تاينان ئۆلكىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى.

2234430
تەيۋەندە  5.7 بال يەر تەۋرىدى

تەيۋەن مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى تاينان ئۆلكە مەركىزىدىن 43.9 كىلومېتىر شىمال-شەرقىدىكى دوڭشان ناھىيەسىدە يەر يۈزىدىن 7.7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا قەيت قىلىنغان.

5.7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن جايدا 4.8 بال قوشۇمچە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددى زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر