شىمالىي كورېيە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان ئىسستراتېگىيەلىك سەگەك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى.

2234474
شىمالىي كورېيە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى سەگەك باشقۇرۇلىدىغان بومبا 1500 كىلومېتىر مۇساپىدە سەككىز شەكىللىك ئېلىپتىك يۆنىلىشتە نىشانغا دەل تەگكەن.

شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا، تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ "ئېھتىمال دۈشمەنلەرگە قارشى ئىستراتېگىيەلىك كونتروللۇقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە قابىلىيىتىنى تىكلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى" ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۆزەتتى ۋە سىناقنىڭ "شىمالىي كورېيەنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى ئۇرۇش قوراللىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنى" بىلدۈردى.

كىم جوڭ-ئۇن: «شىمالىي كورېيە، سىجىل تىنچلىق ۋە مۇقىملۇقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەربىي كۈچ ئاساسىنى مەسئۇللىيەتچانلىق بىلەن كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەردائىم تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، تۈنۈگۈن  ئەتىگەندە كۆپ ساندا باشقورۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىچكى رايونلىرىدىن سېرىق دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر