خىتاي فىلىپپىننىڭ تەتقىقات پاراخوتىغا قانۇنسىز توسقۇنلۇق قىلدى

خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىنىڭ بېلىقچىلىق ۋە سۇ مەنبەلىرى ئىدارىسىغا تەۋە ئىككى تەتقىقات پاراخوتىنىڭ يولىنى توستى، بۇ ئىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىككە سەۋەب بولدى.

2234466
خىتاي فىلىپپىننىڭ تەتقىقات پاراخوتىغا قانۇنسىز توسقۇنلۇق قىلدى

فىلىپپىن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئورگىنىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپى ياراتقان سپراتلي ئاراللىرىنىڭ شىمالىدىكى ساندي تۇمشۇقى يېنىدا يۈز بەرگەن.

خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرى رايوندا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى فىلىپپىن پاراخوتىغا يېقىنلاشقان، خىتاي پاراختلىرىغا تەۋە تىك ئۇچار تۇمشۇقتىن قۇم ئەۋرىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن پاراخوتتىن چىققان ئىككى كېمىنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ، تەتقىقات خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، رايونغا قانۇنسىز كىرگەن ئىككى فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقى ۋە تۇمشۇققا يېقىنلىشىپ، قۇم ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا تىرىشقان كېمىلەرنىڭمۇ ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتايلار "تىيېشىيەن جىياۋ"، فىلىپپىنلىقلار  "بايلان" ۋە ۋېيتنامناملىقلار بولسا،  "داۋ سۇن كا" دەپ ئاتايدىغان ساندي تۇمشۇقى 1974-يىلى ۋېيتنام تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۇمشۇق يېقىنقى 25 يىل ئىچىدە ھېچبىر دۆلەتنىڭ تولۇق كونتروللۇقىغا ئۆتمىگەن ئىدى.

7 گېكتار كەڭلىكتىكى بۇ قۇملۇق ئارال جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى بىر توقۇنۇشقا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر