گرېتسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ھېچبىر نامزات يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى

گرېتسىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ھېچبىر نامزات يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالدى.

2234445
گرېتسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ھېچبىر نامزات يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى

گرېتسىيە پارلامېنتىدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مارتتا توشىدىغان پىرېزىدېنت كاتېرىنا ساكېلاروپۇلۇنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان كىشىنى بېكىتىش مەقسىتىدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

سايلامغا ھاكىمىيەتتىكى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى كوستانتىنوس تاسۇلاس، ئاساسىي مۇخالىپەت پارتىيەسى پانھېللېنىك سوتسىيالىستلار ھەرىكىتىنىڭ نامزاتى تاسوس يانىچىس، رادىكال سول ئىتتىپاقنىڭ نامزاتى لۇكا كاچېلى ۋە زەپەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى كوستاس كىرياكۇ قاتناشتى.

300 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 297 ۋەكىل ئاۋاز بەردى. تاسۇلاس 160 ئاۋاز بىلەن بىرىنچى بولدى. كاچېلى 40 ، يانىچىس 34، كىرياكۇ 14 ئاۋازغا ئېرىشتى. بىتەرەپ ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ سانى 49 بولدى.

ھېچبىر نامزات بىرىنچى باسقۇچتا پىرېزىدېنتنىڭ سايلىنىشىغا كېتەرلىك  200 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالدى.

ئىككىنچى باسقۇچتىكى سايلام 31-يانۋاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر