فىلىپپو گراندى سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى، سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شارا بىلەن دەمەشقتە كۆرۈشتى.

گراندى، بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان سۈرىيە زىيارىتى توغرىسىدا x ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
شارا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گراندى، سۈرىيەلىك مۇھاجىرلارنىڭ ۋە يۇرتىدىن قوغلانغانلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا قانداق ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
گراندى، نۇرغۇن مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قايتىشنىڭ مۇقىملىشىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىككە، خىزمەتلەرگە، تۇرالغۇغا ۋە خىزمەت ئىمكانىيەتلىرى يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش مۇھىم ئېھتىياجدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.